Menu

زەبۇر 129

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» «ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ 2 «ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس. 3 قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان». 4 پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛ 5 ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى! 6 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛ 7 ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛ 8 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate