Menu

زەبۇر 128

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر! 2 چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛ بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛ 3 ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛ بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ 4 مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ. 5 پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛ سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛ 6 پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛ ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate