Menu

زەبۇر 130

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛ 3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ 4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ. 5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم. 6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە. 7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛ 8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate