Menu

زەبۇر 124

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئەگەر بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، ــ ئاھ، ئىسرائىل شۇنداق دېسۇن ــ 2 بىز تەرەپتە تۇرغىنى پەرۋەردىگار بولمىغان بولسا، كىشىلەر بىزگە ھۇجۇمغا قوزغالغاندا، 3 ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛ 4 شۇ چاغدا سۇلار بىزنى غەرق قىلىۋېتەتتى؛ كەلكۈن بېشىمىزدىن ئۆتەتتى؛ 5 داۋالغۇغان سۇلار بېشىمىزدىن ئۆتەتتى! 6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا ئوۋ بولۇشقا بىزنى قويۇپ بەرمىدى. 7 جېنىمىز تۇتقۇچىلارنىڭ باسمىقىدىن قېچىپ چىققان قۇشتەك قاچتى؛ باسماق سۇندۇرۇلۇپ، بىز قاچتۇق! 8 ئېرىشكەن ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر، ئاسمان-زېمىن ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate