Menu

زەبۇر 123

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن، ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ 2 مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ. 3 بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز. 4 جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى، ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate