Menu

زەبۇر 125

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛ ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. 2 يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. 3 چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛ بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن. 4 پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛ كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن. 5 بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ. ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate