زەبۇر 122
ARA1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقايلى» ــ دېگىنىدە، شادلاندىم. 2 پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا نېسىپ بولدى، ئى يېرۇسالېم! 3 ئى يېرۇسالېم، سەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەردۇرسەن؛ 4 قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ، ياھنىڭ قەبىلىلىرى چىقىدۇ؛ ئىسرائىلغا بېرىلگەن كۆرسەتمە بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن چىقىدۇ. 5 چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىشقا تەختلەر سېلىندى، داۋۇتنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە تەختلەر سېلىندى. 6 يېرۇسالېمنىڭ ئامان-خاتىرجەملىكىنى ئىزدەپ دۇئا قىلىڭلار؛ سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپىدۇ. 7 ئىستىھكاملىرىڭ ئىچىدە ئامان-خاتىرجەملىك بولسۇن، ئوردىلىرىڭ ئىچىدە ئاۋات-ئاراملىق بولسۇن! 8 قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن. 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن، سېنىڭ روناق تېپىشىڭغا ئىنتىلىمەن!
