Menu

زەبۇر 121

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟ 2 مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر. 3 ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ! 4 مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ! 5 پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛ پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر. 6 قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ 7 پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛ 8 پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate