زەبۇر 99
ARA1 پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن! 2 پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر، ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر. 3 ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! 4 پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛ ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛ سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن. 5 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ ئۇ مۇقەددەستۇر! 6 ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى، نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى، ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى. 7 خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛ ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى. 8 ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛ يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ، سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ. 9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر!
