Menu

زەبۇر 98

ARA

1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى. 2 پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى. 3 ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى، زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى. 4 پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛ تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار! 5 پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار، چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن! 6 كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن، پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛ 7 دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن! 8 كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛ 9 چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate