زەبۇر 24
ARA1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛ ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرىۋاتقانلارمۇ؛ 2 چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر. 3 پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟ ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ 4 ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ، قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان، يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. 5 بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛ 6 بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر، يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى! سېلاھ! 7 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! 8 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! 9 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! 10 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر! سېلاھ!
