Menu

زەبۇر 23

ARA

1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر، موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛ 2 ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛ تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛ 3 ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛ 4 ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر. 5 مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛ مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛ قەدەھىم تاشىدۇ؛ 6 بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛ مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate