زەبۇر 16
ARA1 داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى، چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن. 2 مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛ سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى. 3 يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر. 4 كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا، ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن. 5 پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛ 6 نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر! 7 ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ. 8 مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. 9 شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛ 10 چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن. 11 سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.
