Menu

زەبۇر 15

ARA

1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟ كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟ 2 كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛ 3 تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا، ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا، قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا، 4 پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە، 5 پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە، بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛ كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا، مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate