Menu

زەبۇر 113

ARA

1 ھەمدۇسانا! مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار! 2 ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! 3 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر! 4 پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر. 5 كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ، 6 ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟ 7 نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛ 8 ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛ 9 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. ھەمدۇسانا!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate