Menu

زەبۇر 112

ARA

1 ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر! 2 ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ. 3 ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 4 قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر. 5 خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ. 6 بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ. 7 ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان. 8 دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ. 9 ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. 10 رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate