Menu

رىملىقلارغا 13

ARA

1 ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر. 2 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ 3 (چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن. 4 چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! ھۆكۈمران قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. 5 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. 6 مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ باج تاپشۇرۇڭلار؛ ھۆكۈمرانلار بولسا، خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا بېكىتكەن خىزمەتكارلىرىدۇر. 7 ھەركىمگە ئۆز تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار؛ غەللە-پاراق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىلارغا باجنى تاپشۇرۇڭلار؛ ئېھتىرامغا تېگىشلىك بولغانلارغا ئېھتىرام قىلىڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى ھۆرمەت قىلىڭلار. باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز 8 بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. 9 چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 10 مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن كىشى ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. 11 ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. 12 كېچە ئۆتۈشكە ئاز قالدى، كۈندۈز يېقىنلاشتى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كىيەيلى. 13 كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛ 14 ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate