زەبۇر 95
ARA1 كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى، نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى! 2 تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى، ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى! 3 چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر. 4 يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر. 5 دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛ قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى. 6 كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى! 7 چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، 8 ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار! 9 مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى. 10 مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم. 11 شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم.
