زەبۇر 87
ARA1 كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. 2 پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان-جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛ 3 سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ. 4 «مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن. 5 بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلىدۇ: ــ «بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ». 6 خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. سېلاھ. 7 ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!»
