زەبۇر 85
ARA1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. 2 خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ. 3 سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ، غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن. 4 ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! 5 سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ 6 خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ 7 بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن! 8 تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن! 9 زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ 10 ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ 11 ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ. 12 پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ، زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛ 13 ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!
