زەبۇر 6
ARA1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛ قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە. 2 ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى. 3 مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟ 4 يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن. 5 چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟ 6 مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن. 7 دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ. 8 ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى. 9 پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛ 10 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛ تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.
