Menu

زەبۇر 3

ARA

1 داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! 2 نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. سېلاھ! 3 بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! 4 ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ. 5 مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. 6 مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! 7 ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن! 8 نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate