Menu

زەبۇر 28

ARA

1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن. 2 ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن! 3 مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛ ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر. 4 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ، ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛ قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛ تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن. 5 چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى، نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ. 6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان. 7 پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن. 8 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىدۇر، شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر. 9 ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛ ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن، مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate