Menu

زەبۇر 26

ARA

1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. 2 مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ 3 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. 4 مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. 5 يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. 6 قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. 7 ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. 8 ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ 9 جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ 10 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. 11 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. 12 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate