Menu

زەبۇر 150

ARA

1 ھەمدۇسانا! تەڭرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار؛ قۇدرىتى پارلاپ تۇرىدىغان ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 2 ئۇنى قۇدرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار؛ غايەت ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ 3 ئۇنى بۇرغا ساداسى بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى راۋاب ھەم چىلتار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ 4 ئۇنى داپ ھەم ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ ئۇنى تارلىق سازلار ھەم نەي بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ 5 ئۇنى جاراڭلىق چاڭلار ھەم ياڭراق چاڭلار بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ 6 بارلىق نەپەس ئىگىلىرى ياھنى مەدھىيىلىسۇن! ھەمدۇسانا!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate