Menu

زەبۇر 133

ARA

1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر! 2 ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛ 3 ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان!

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate