Menu

زەبۇر 13

ARA

1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە؟ سەن مېنى مەڭگۈگە ئۇنتۇمسەن؟ قاچانغىچە دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ 2 قاچانغىچە ھەركۈنى قايغۇرۇپ، قەلبىمدە؟ قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن شادلىنىپ غالىب يۈرىدۇ؟ 3 ماڭا قارا، ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم! ئۆلۈم ئۇيقۇسى مېنى بېسىپ كەلگۈچە، كۆزۈمنى يورۇتقايسەن، 4 دۈشمىنىمنىڭ: «مەن كۈچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم» دېمەسلىكى ئۈچۈن، رەقىبلىرىم سەنتۈرۈلگەنلىكىمنى كۆرۈپ شادلانماسلىقى ئۈچۈن، كۆزۈمنى يورۇتقايسەن! 5 بىراق مەن بولسام سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭگە ئۆزۈمنى تاپشۇردۇم؛ يۈرىكىم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ؛ 6 مەن پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ چۈنكى ئۇ ماڭا زور مېھرىبانلىقنى كۆرسەتتى.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate