زەبۇر 101
ARA1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن. 2 مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن. 3 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا. 4 ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر. 5 كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛ 6 كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ. 7 ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ. 8 پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن.
