Menu

ئايۇپ 25

ARA

1 شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 2 «ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ. 3 ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟ 4 ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟ 5 مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە، 6 قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟».

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate