يەشايا 4
ARA1 شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ. 2 شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ، زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا، قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ. 3 ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ. 4 شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ. 5 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ. 6 شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان، خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ».
