يەشايا 39
ARA1 شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى. 2 ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. 3 ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن»، دېدى. 4 يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى. ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى. 5 يەشايا ھەزەكىياغا مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ 6 ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 7 ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ. 8 شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى.
