Menu

ئەزاكىيال 2

ARA

1 ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، ئورنۇڭدىن دەس تۇر، ۋە مەن ساڭا سۆز قىلىمەن، ــ دېدى. 2 ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. 3 ۋە ئۇ ماڭا: ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل بالىلىرىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»گە ئەۋەتىمەن؛ بۈگۈنگە قەدەر ھەم ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋلىرى ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلىپ كەلمەكتە»، ــ دېدى. 4 ــ «بۇ بالىلار بولسا نومۇسسىز ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر؛ مەن سېنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن؛ سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن ــ 5 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قۇلاق سالسۇن، سالمىسۇن (چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلىدىغان بىر جەمەت) ــ ئۆزلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. 6 ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ۋە سۆزلىرىدىنمۇ قورقما؛ شۇنداق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقما، ۋە زەردىلىك قاراشلىرىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 7 سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردۇر. 8 ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال؛ بۇ ئاسىي جەمەتتەك تەتۈر بولمىغىن؛ ئاغزىڭنى ئېچىپ، مەن ساڭا بەرگىنىمنى يېگىن». 9 ــ مەن قارىسام، مانا ماڭا سوزۇلغان بىر قول تۇرۇپتۇ؛ ۋە مانا، ئۇنىڭدا بىر ئورام يازما تۇرۇپتۇ. 10 ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى؛ ئۇنىڭغا يېزىلغانلىرى مەرسىيە، ماتەم سۆزلىرى ۋە دەرد-ئەلەملەردىن ئىبارەت ئىدى.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate