Menu

ئەستەر 10

ARA

1 پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى. 2 ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ 3 چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى.

Everything we make is available for free because of a generous community of supporters.

Donate